阳光体育网已经有 3015 个学校开通了学校网站

策勒一中

ئانارلىقتىكى مەرىپەت باغچىسى- چىرا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتىپىمىزنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: چىرا ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 1956- يىلى 9- ئايدا قۇرۇلغان، ناھىيىمىزدىكى بىردىن بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، مەكتىپىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۈكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ يىتەكچىلىكى، سەمىمى غەمخورلۇقى ۋە ياردىمى ئارقىسىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مەركەز، ئەخلاقى تەربىيىنى ئاساس قىلىپ ھەر قايسى ساھە ۋە سەپلەر ئۈچۈن 12562 نەپەر ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيىلەپ بەردى. مەكتىپىمىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى سىياسىئون، ئىقتىسادشۇناس، كارخانىچى، يازغۇچى، شائىر، تەبىئى، ئىجتىمائى پەنلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆز رولىنى نامايەن قىلماقتا. يازغۇچى، شائىر ۋە ژۇرنالىست ئەبەيدۇللا ئىبرايىم، شائىر، فىرافىسور ئابدۇللا سۇلايمان، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئالەم فىزىكىسى ئالىمى، دوكتۇر ئاشتى ساھىپجامال دۆلەت، شىنجاڭ ئىپار بىئو تېخنۇلۇگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابلىكىم مەمتىمىن.....قاتارلىقلار مەكتىپىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىدۇر. ئۇندىن باشقا ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلار 100 نەپەردىن، پەن تېخنىكا، نەشىرىيات، سەھىيە ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار 150 نەپەردىن ئاشىدۇ. چەتئەلدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلار 30 نەپەرگە يېتىدۇ. ھازىر مەكتىپىمىزدە 22 سىنىپ ،1203 نەپەر ئوقۇغۇچى بار.